Uyghurئاساسىي لۇغەت
برېئۇئىل
دۇنيا تارىخى
(1877 - 1961) فرانسىيە ئارخېئولوگى. ياۋروپانىڭ كونا تاش قورال دەۋرى ئۆڭكۈر تام سۈرەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە كونا تاش قورال دەۋرى ئۆڭكۈر تام سۈرەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە كونا تاش قورال دەۋرىنى يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرىلەپ دەۋرلەرگە بۆلۈش جەھەتتە بىرقەدەر زور تۆھپە قوشقان. 1901-يىلى فىند - گوم ئۆڭكۈرى تام سۈرەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، كونا تاش قورال دەۋرىدە گۈزەل سەنئەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن. كېيىن يەنە ئالىتامىرا ئۆڭكۈر تام سۈرەتلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان. فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئىسپانىيىدىكى ئۆڭكۈر تام سۈرەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن باشقا يەنە ئىسپانىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى تىكيار سۈرەتلىرىنىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرگەن. كلاكتون مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغىمۇ ھەسسە قوشقان. 1931-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىگەن ھەمدە بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى تاش قوراللىرىنى تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ <ئۆڭكۈر گۈزەل سەنئىتىنىڭ 40 مىڭ يىلى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.