Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەقلىي بۆلۈنمە
پسىخولوگىيە
بۇ بىر سانلىق قىممەت بولۇپ، ئەقىل يېشى بىلەن ئەمەلىي ياش ئارىسىدىكى مۇناسۋەتنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ تۆۋەندىكى فورمۇلا ئارقىلىق تېپىلىدۇ. ئەقىل يېشى (MA) نى ئەمەلىي ياش (CA) غا بۆلۈپ، نەتىجىنى 100 گە كۆپەتسەك، ئەقلىي بۆلۈنمە ( QI) غا ئىگە بولىمىز (100× MA/CA = QI)، ئەقلىي بۆلۈنمە 100 بولسا، ئەقلىي سەۋىيىسى ئەمەلىي يېشىغا تەڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەقلىي قابىلىيەت ئوتتۇرا سەۋىيىلىك ھېسابلىنىدۇ.
ئەقلىي بۆلۈنمە 100 دىن چوڭ بولسا، ئەقلىي سەۋىيىسى ئۆزى بىلەن تەڭ ياشلىق ئادەتتىكى بالىلاردىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەقلىي بۆلۈنمە 100 دىن كىچىڭ بولسا، ئەقلىي سەۋىيىسى تەڭ ياشلىق ئادەتتىكى بالىلاردىن تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئەقلىي بۆلۈنمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ناھايتى زور دەرىجىدە ئىلگىرلەپ كەتتى.