Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
تاڭ جاۋتى ئىبادەتخانىسى
دۇنيا تارىخى
唐招提寺
táng zhāo tí sì
ياپونىيىدىكى باش ئىبادەتخانا. مىلادى 759-يىلى (ياپونىيە تىيەنپىڭ باۋزىنىڭ 3-يىلى) جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياپونىيىگە ئۆتكەن راھىپ جيەنجېن ياساتقان. ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى شاھزادە نىئىتابېنىڭ كونا تۇرالغۇسىدا ئىدى. ھازىرقى نارا شەھىرىدىكى ۋۇتياۋدىڭدە دەسلەپ تاڭ جاۋتى دەپ ئاتالغان، كېيىن ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. ئالتۇن راۋاق ئاساس قىلىنغان، ۋەز نەسىھەت راۋىقى، قوڭغۇراق راۋىقى، كىتاب ئامبىرى، بايلىق ئامبىرى قاتارلىقلار بار. ئىبادەتخانىدا ھازىرغىچە جيەنجېننىڭ ھەكىلى، <شەرققە قىلىنغان سەپەر خاتىرىسى> ساقلانماقتا، بۇ جۇڭگو - ياپونىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدىكى مۇھىم يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ.