Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل بايراق بالىلار باغچىسى
شىنجاڭ مائارىپى
بالىلار مائارىپى
ئۇيغۈرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان كۆپ مىللەتلىك، ياتاقتا يېتىش تۈزۈمىدىكى بالىلار باغچىسى بولۇپ، 1949 - يىلى دىخۇا شەھەرلىك 2 - قىزلار مەكتىپىنىڭ شۆبە بالىلار باغچىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 1955 - يىلى ھازىرقى ئورنىغا كۆچكەن. 1966 - يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4900 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 3000 كۋادرات مېتىر، پائالىيەت مەيدانى 2150.5كۋادرات مېتىر بولۇپ، رايونىمىزدىكى <قوش تىل> لىق ئوقۇتۇش تەجرىبە بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىرى. 1989 - يىلدىن بۇيان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 11 دۆلەتتىن كەلگەن 100 گە يېقىن ئېكسكۇرسىيىچىنى كۈتۈۋالغان. 90 نەچچە تۈرلۈك (قېتىم) ھەر دەرىجىلىك شەرەپ ناملىرىغا ئېرىشكەن. بالىلارنىڭ ھۆسن خەت، رەسىم ئەسەرلىرى ھەر يىلى مۇكاپاتلانغان. يېقىنقى بەش يىلدا جۇڭگو، سىنگاپوردىكى مۇسابىقىلىرىدە 119 نەپەر ئادەم ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېداللارغا ئېرىشكەن. 1999 - يىلى 10 سىنىپ بولۇپ، بالىلار سانى 521 نەپەر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر 81 نەپەر بولدى.