Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەرلەنمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆي - جاي، يەر - زېمىنغا ئىگە بولماق، ئېرىشمەك.
يەرسىز ئىدىم، يەرلەندىم، توقماق ئىدىم، پەملەندىم (ماقال).
ئۆزلەشمەك، ماسلاشماق، كۆنمەك، سىڭىشمەك.
تۆتىنچى يىلغا بارغاندا كۆچەتلەر ھاۋا، تۇپراققا ماسلىشىپ يەرلىنىۋالىدۇ - دە، يىلتىزلىرى يەر قاتلاملىرىغا چوڭقۇرلاپ، يەر ئاستىدىكى نەملىكتىن پايدىلىنالايدۇ.