Uyghurئاساسىي لۇغەت
كومې
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيىدىكى قەدىمكى شەھەركامپانىيە دېڭىز بويىغا جايلاشقان، قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ كالىسىس (ئېئوبىيە ئارىلىدا) شەھىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان يۇنانلىقلارنىڭ ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ دەسلەپكى كولونىيە شەھىرى. ئادەتتە كىچىك ئاسىيادىكى ئىئولىسلارنىڭ گرېك شەھىرى كومېمو شۇ يەردە كولونىيە قۇرغان دەپ قارىلىدۇ. دېڭىزچىلىق، سودا ئىشلىرى راۋاجلانغان بولۇپ، ئۆزىمۇ ئىتالىيە، سىتسىلىيىدە بىرقانچە كولونىيە شەھەرلىرىنى قرۇغان. مەسىلەن: جەنۇبىي قوشنىسى بولغان پۇتېئول ۋە نېئاپول شۇ خىلدىكى شەھەرلەر ئىدى. دەسلەپ ئېتورېلار ۋە ئىتالىيانلار بىلەن رىقابەتلەشكەن. مىلادىدىن 474 يىل ئىلگىرى كومې ئۇرۇشىدا ئېتورىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ھۆكۈمرانلىق رايوندىن مەھرۇم قىلغان. ئېيتىلىشچە ئېتورېلار كومې بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا يۇنان يېزىقىنى ئۆگىنىۋالغانىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە كامپانىيىنىڭ چوڭ شەھىرى كاپويە گۈللىنىپ، كومېنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن. رىمنىڭ كامپىيىنى ئىگىلىشى بىلەن، ئۇزۇن مۇددەت رىمغا تەۋە بولۇپ كەلگەن. كومې يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى ئايال ھۆكۈما سىبىيلا ياكى سېبېلنىڭ يۇرتى بولۇپ، <كومېلىق سىبىيلا> ئون نەپەر سىبىيلا ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى ئىكەن.