—مەنبە
رېين دەرياسى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
غەربىي ياۋروپادىكى دۇنياغا مەشھۇر ئەڭ چوڭ دەريا − رېين دەرياسى شۋېتسارىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئالپ تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن باشلىنىپ، غەربىي شىمالغا قاراپ ليېچتېنستېين، ئاۋسىترىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيىلەردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىردا روتتېردام ئەتراپىدا شىمالىي دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ.
رېين دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى1320 كىلومېتىر كېلىدۇ. يىل بويى سۇ مىقدارى مول بولۇپ، شۋېتسارىيىدىكى باسېلدىن باشلاپ886 كىلومېتىر كېلىدىغان بۆلىكىدە پاراخوت قاتنىيالايدۇ؛ ئىككى تەرىپىدىكى نۇرغۇن تارماق ئېقىملىرى قاناللار ئارقىلىق دۇناي دەرياسى ۋە رھونې دەرياسى قاتارلىق سۇ سىستېمىلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان سۇ ترانسپورت تورى ھاسىل قىلىنغان. رېين دەرياسى ياۋروپانىڭ ئاھالىسى ئىنتايىن زىچ بولغان ئاساسلىق سانائەت رايونلىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. گېرمانىيىنىڭ زامانىۋىلاشقان سانائەت رايونى بولغان رۇر رايونى ئۇنىڭ تارماق ئېقىمى − رۇر دەرياسى بىلەن لىپپې دەرياسى ئارىلىقىدا، رۇر دەرياسى بىلەن لىپپې دەرياسى قېزىلغان تۆت قانال ۋە74 دەريا پورتى ئارقىلىق رېين دەرياسى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن.7000 تونناژلىق دېڭىز پاراخوتلىرى بۇ يەردىن شىمالىي دېڭىزغا بىۋاسىتە قاتنىيالايدۇ. رېين دەرياسى سۇ يولىدا خۇددى تاشيولغا ئوخشاش بەلگىلىك ئارىلىققا بىردىن يول تاختىسى ئورنىتىلىپ، ئۇنىڭغا يول ئارىلىقىنىڭ كىلومېتىر سانى يېزىلغان. رېين دەرياسى رۇر رايونىنى سانائەتتە ئىشلىتىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى رۇر رايونىنى يەنە مۇھىم قاتناش ترانسپورت شارائىتى بىلەنمۇ تەمىنلىگەن. مانا مۇشۇنداق قۇلايلىق قاتناش شارائىتى بولغانلىقى ئۈچۈنلا زور مىقداردىكى تۆمۈر رۇدىلىرى بىلەن باشقا مىنېرال خام ئەشيالارنى چەت ئەللەردىن بۇ يەرگە ئۈزلۈكسىز تۈردە يۆتكەپ كېلىش ئىمكانىيىتى بولغان. رۇر سانائەت رايونى بىلەن گوللاندىيىنىڭ ئىچكى دەريا ترانسپورت تورى ئارىلىقىدا ترانسپورت ئىنتايىن بېسىق بولۇپ، ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ - كېتىدىغان كېمىلەر خۇددى چوڭ كوچىلاردا ئايىغى ئۈزۈلمەي كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارغا ئوخشايدۇ، يۈك ترانسپورت مىقدارىمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
رېين دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىدىكى شۋېتسارىيىنىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن گېرمانىيە چېگرىلىنىدىغان جايدا، كەڭلىكى110 مېتىر كېلىدىغان رېين دەرياسى شارقىراتمىسى بار. بەزى يۈرەكلىك ساياھەتچىلەر قولۋاققا ئولتۇرۇپ، سۇدا لەيلەپ ئېقىپ شارقىراتمىدىن پەسكە چۈشىدۇ. رېين دەرياسىنىڭ بېنگېندىن گېرمانىيىنىڭ بون شەھىرىگىچە بولغان بۆلىكى ئوتتۇرا ئېقىمىدۇر. بۇ بۆلەكتە دەريا جىلغىلىرى چوڭقۇر ھەم ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، رېين دەرياسى ھەققىدىكى نۇرغۇن قەدىمكى چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە بارلىققا كەلگەن.