Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
俄法同盟
دۇنيا تارىخى
روسىيە - فرانسىيە ئىتتىپاقى
روسىيە فرانسىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مەخپىي ھەربىي ئىتتىپاق. 1891 - 1893-يىللىرى تۈزۈلگەن. گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. 1891-يىلى 8-ئايدا روسىيە بىلەن فرانسىيە ھۆججەت ئالماشتۇرۇپ: مۇبادا ئۇرۇش خەتىرىگە دۇچ كەلگەندە ئىككى تەرەپ بىرلىكتە قارشى تەدبىرنى مەسلىھەتلىشىشكە كېلىشكەن. 1892-يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ باش شتاب ئەمەلدارلىرى پېتربۇرگدا ھەربىي ئىتتىپاق كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، فرانسىيە گېرمانىيىنىڭ ياكى گېرمانىيە قوللىغان ئىتالىيىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچرىسا، روسىيە پۈتۈن ھەربىي كۈچ بىلەن گېرمانىيە قوللىغان ئاۋسترىيىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئۇھالدا فرانسىيە پۈتۈن ھەربىي كۈچ بىلەن گېرمانىيىگە ھۇجۇم قىلىش بەلگىلەنگەن. 1893-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋە 1894-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، روسىيەفرانسىيە ھۆكۈمەتلىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ھەربىي ئىتتىپاق كېلىشىمىنى تەستىقلىغان. مەزكۇر كېلىشىم كېيىن فرانسىيەروسىيە، ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئانتانتا كېلىشىمىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان.