—مەنبە
ئاماننىساخان
دائىرە: رېۋايەتلەرمۇقامنىڭ ئون يەتتىنچى پىرى مەلىكە ئاماننىسا خېنىم ئىدى. بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرېشىدخاننىڭ خانىشى ئىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يېگانە شائىرەسى بولۇپ، «دىۋان نەفىسى» (نەفىسە شېئىرلىرى توپلىمى) ناملىق شېرىن بىر كىتابنى يازغانىدى. خەتتالىقتا ئۈزتۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى، مۇزىكا ئىلمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى، سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغانىدى. سۇلتاننىڭ بۇ مەلىكىنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىش ۋەقەسى مۇنداق بولغانىدى: سۇلتان ئۆز ۋەزىر - ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەختى يەكەندىن شىكارغا چىقتى. سۇلتاننىڭ كېچىىرى دېھقانچە ساددا كىيىملەرنى كىيىپ قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونىغان ۋە تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى. بۇ ئۆي مەھمۇت ئاتلىق بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى، بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇتنىڭ قىزى ئىدى. سۇلتان ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قېلىپ مەھمۇتتىن تەمبۇر چېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەھمۇد: «مەن تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن. مۇشۇ قىزىم ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بەر دەپ ىاپا قىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان: «ئەمىسە، قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن» دېدى. مەھمۇد قىزىغا ئەمر قىلدى. قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى، سۇلتان ھەيران قالدى، بولۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شېئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ، بىھۇش بولۇپ كەتتى. شېئىرنىڭ باشلانما بېيىتىنى مۇنداق ئىدى. (مەنىسى):
خۇدا ساڭا يۈز شۈكرى، بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ.
پېقىر - مىسكىنگە ئابدۇرېشىدخاننى پاناھ قىلدىڭ.
بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرگە بېيىتىنى مۇنداق باغلانغانىدى (مەنىسى:)
ئەي نەفىسى، ئۇلۇغ تەڭرىگە كېچە - كۈندۈز دۇئا قىلغىن،
ئەگەر شاھ ھەققىدە دۇئا قىلمىساڭ، قاتتىق گۇناھ قىلغان بولىسەن.
غەزەل تامام بولۇشىغا سۇلتان ئالدىراپ: «نەفىسە دېگەن شائىر كىم؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن؟» دەپ سورىغانىدى. قىز: «خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ يۈرەمدىكەن، مەن نەۋائى، فۇزۇلى، زەلىلىنىڭ شېئىرلىرىدىن باشقىنى ئوقۇمايمەن. بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ، نەفىسى مېنىڭ تەخەللۇسۇم» دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدى. ئاتىسى: «ئون ئۈچ ياشقا كىردى» دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى. ئاڭغىچە، ئاماننىسا خېنىم قوپۇپ ئۆزى يازغان بىر نەچچە شېئىرلارنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى. خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى. پادىشاھنىڭ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارەسىدىنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي: «قېنى ئەمىسە، مەن قاراپ تۇراي، بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ» دېگەنىدى، قىز دۈۋەت - قەلەم ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى (مەنىسى):
خۇدا، بۇ بەندە ماڭا تولىمۇ گۇمانلىق كۆزدە قارىدى،
گويا بۇ ئۆيدە بۈگۈن ئاخشام مەن ئۈچۈن بىر تىكەن ئۈندى.
سۇلتان كۈلۈپ: «ئىشەندىم، مېنى مەسخىرە قىلماڭ» دېدى ۋە مەھرىمى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ: «بىز ھېلى كېلىمىز» دەپ كېتىپ قالدى. ئۇ بارگاھىغا بېرىپ، بېشىغا تاج كىيىپ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى. دەرھال ئون قوي ۋە شايى - ئەتلەسلەر تەييارلاندى، تۈن يېرىمىدا قىرىق كىشى مەھمۇتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسەتنى بايان قىلدى. پادىشاھ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى. بۇ مەلىكە يىگىرمە يىل پادىشاھنىڭ نىكاھىدا تۇردى. خۇدايىتائاللا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلغانىدىكى، تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. «دىۋان نەفىسى» نى يازدى، خوتۇن - قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدا «ئەخلاقىي جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق بىر كىتابنى يازدى. «شورۇھۇلقۇلۇپ» (قەلبلەر شەرھى) ناملىق بىر رىسالە يازدى. شائىرلىق، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز. «ئىشرەت ئەنگىز» (شادلىق قوزغىغۇچى) ناملىق بىر مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغانىدى. كۈچلۈك رەشك يۈزىسىدىن سۇلتان بۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ۋە شۇ بويىچە نەغمىچىلەرگە ئۆگىتىلگەن. بۇ مەلىكە ئوتتۇز تۆت يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان دېيىلىدۇ. مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈرگۈدەك ھالەتكە يېتىپ، سەۋدايىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولدى. سۇلتان ئاخىر يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى دېيىلىدۇ.
مىسال
ئاماننىساخان ئۆزىنىڭ شېئىرىي ماھارىتى بىلەن داڭلىق.
تەرجىمە: ئاماننىساخان ئۇنىڭ شېئىرىي ماھارىتى بىلەن داڭلىق.
مەنبە
دائىرە: ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئاتاقلىق مۇغەننى، سائىرە ئاماننىساخان مىلادىيە 1520 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھازىرقى مەكىت ناھىيسىنىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى بىر مەھەللىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرىگە دائىر مەلۇماتلارنى بىز پەقەت مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» دىن ئالىمىز. بۇ ھەقتە مۆجىزى مۇنۇلارنى يازىدۇ:
«ئابدۇرەشىدخان بىر كۈنى كېچىسى بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى بولۇپ، ئەكرەم ئىسىملىك بىر مەھرەمى بىلەن كىردى. ئۇ ئۆي مەھمۇد ئىسىملىك بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى بولۇپ، ئاماننىساخان مەھمۇدنىڭ قىزى ئىدى. سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆينىڭ بۇرجىكىدە تۇرغان تەمبۇرنى كۆردى. ساھىبخان بولغان مەھمۇدتىن تەمبۇر چېلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى. مەھمۇد: (مەن تەمبۇرنى چېلىشنى بىلمەيمەن، بۇ قىزىم تەمبۇرنى ئېلىپ بېرىڭ دەپ خاپا قىلغانلىقتىن ئېلىپ بەرگەنىدىم)، _ دېدى. سۇلتان: «ئۇنداق بولسا قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن»، _ دېدى. مەھمۇد قىزى ئاماننىساخانىمغا تەمبۇر چېلىشنى بۇيرۇدى. قىز تەمبۇرنى ئېلىپ «پەنجىگاھ» مۇقامىغا شۇنداق بىر چالدىكى، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھەيران قالدى. ھەممىدىن ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇ قىز ئۆزى ئېيتقان شېئىرنى مۇقامغا قوشۇپ ئوقۇغاندا، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە بىقارار ئاشىق ۋە بىھۇش بولۇپ كەتتى. ەسلى شېئىر بۇ ئىدى:
ساڭا يۈز شۈكۈر، بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ،
فەقىر مىسكىنگە ئابدۇرەشىدخاننى پاناھ قىلدىڭ...
نەفىسى كەچە - كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقد سىغە، (مۇقەددەس)
كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا، قاتىغ گۇناھ قىلدىڭ.»
مۆجىزىنىڭ ئېيتىشىچە ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئۆزىنىڭ ئالدىدا بىر سازەندە _ مۇقامچىلا ئەمەس، بەلكى نەفىسى تەخەللۇسلۇق بىر شائىرەنىڭ تۇرغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ ئون ئۈچ ياشلىق بىر قىزنىڭ بۇنچىلىك تالانتىغا گۇمان بىلەن قاراپ، ئۆز ئالدىدا بىر شېئىر يېزىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. قىز خانغا قارىتا مۇنۇ فەردنى يازىدۇ:
يارەب، بۇ بەندى قىلدى ئەجەپ سۇئى زەن (يامان كۆزى بىلەن قاراش) ماڭا،
گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا.
ئاخىرى خان ئاماننىساخاننى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ.
«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» دا يەنە: «بۇ مەلىكە 20 يىل پادىشاھنىڭ نىكاھىدا تۇردى. خۇدايتائالا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. (ئۇ) «دىۋان نەفىسى» نى يازدى. خوتۇن - قىزالارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدا «ئەخلاقىي جەمىلە» «گۈزەل ئەخلاق» ناملىق بىر كىتابنى يازدى. «شورۇھۇلقۇلۇپ» «قەلىبلەر شەرھى» ناملىق بىر رىسالە يازدى. شائىرلىق، مۇغەننىلىك، خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز، «ئىشرەت ئەنگىز» شادلىق قوزغىغۇچ» ناملىق بىر مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغانىدى.... مەلىكە 34 - يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان» دەپ يېزىلغان.
بۇنىڭدىن بىز ئاماننىساخاننىڭ مىلادىيە 1550 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىمىز.
مەلىكە ئاماننىساخان «نەفىسى» قىدىرخان يەركەندى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مۇزىكا بايلىقى بولغان «ئون ئىككى مۇقام» نى رەتلەش ئىشىغا قوشقان ئاجايىپ زور تۆھپىسى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات - سەنئىتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ xx–xx لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى مەنبە دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.