Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دئائۇبىگنې
دائىرە: دۇنيا تارىخى道比涅
dào bǐ niè
(1552 - 1630)، فرانسىيىلىك شائىر، تارىخشۇناس. دادىسى خۇگۇئېنو مەزھىپىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولۇپ، كېيىن دىنىي ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ ياش ۋاقتىدا خۇگۇئېنو مەزھىپىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان، كېيىن ھېنرى Ⅳ نىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1593-يىلى ھېنرى Ⅳ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۆزگەرگەندىن كېيىنمۇ، كالۋىن دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا جەنۋەدە تۇرغان. <دۇنيا ئومۇمىي تارىخى> دېگەن ئەسىردە فرانسىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئەللەردە 1553-يىلدىن 1602-يىلغىچە بولغان تارىخىي ئىشلار بايان قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار ساقلانغان. <ھەسرەت> شېئىرىدا دىنىي ئۇرۇش ۋە مەھكىمە شەرئىينىڭ بىدئەتلەرنى جازالىشىنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلىگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.