Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىئاس
مەشھۇر شەخسلەر
دىئاس (1450 −1500 ) تىن ئىلگىرى، غەربىي ياۋروپادىن دېڭىز يـولـى ئارقىلىق شەرققە − ھىندىستان ۋە جۇڭگوغا كەلگەنلەر يوق ئىدى. مەشـھـۇر دېڭىز سەپەرچىسى دىئاس مىڭلىغان مۈشكۈلاتلارنى بـاشـتـىـن كـەچـۈرۈپ، تۇنجى بولۇپ ئۈمىد تۇمشۇقى ئارقىلىق شەرققە بارىدىغان دېڭـىـز يـولـىـنـى بايقاپ، غەربىي ياۋروپا بىلەن شەرقنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى باشلىـشـى ئۈچـۈن تۆھپە قوشقان.
دىئاس پورتۇگالىيىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ياشلىق دەۋرلىرىدىن باشلاپلا دېڭىزدىكى ئېكسپېدىتسىيە ھەرىـكـەتـلـىـرىگـە قىزىققان، ئىلگىرى كېمە بىلەن بىللە ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرگە بارغـان بولغاچقا، مول دېڭىز سەپىرى تەجرىبىسىگە ئىگە.1487 - يىلى پورتۇگالىـيـە پادىشاھى ئۇنى كېمە ئەترىتىنى باشلاپ شەرققە بارىدىغان يولنى تـېـپـىـشـقـا ئەۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن دىئاس بىراقلا مەشھۇر شەخسكە ئايلانغان.1487
- يىل8 - ئايدا، دىئاس100 توننىلىق ئىككى چوڭ يەلكەنلىك كېمىنى باشلاپ، پورتۇگالىيىنىڭ پايتەختى لىسابوندىن يولغا چىقىـپ، شـامال ۋە دولقۇن كۈچلۈك بولغان غەربىي ئافرىقا دېڭـىـز قـىـرغـىـقـىـنـى بـويلاپ جەنۇبقا سەپەر قىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ كېنىيە ئەتراپىدىكـى دېـڭـىـزدىـن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار ناتونۇش دېڭىزدا ئىزدىنىشنى بـاشلايـدۇ.13 كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلـمـەيـدۇ. دولقۇن بارغانسېرى ئەدەپ كېتـىـدۇ، خەتەر كـۈنـسـايـىـن چـوڭـىـيـىدۇ، ماتروسلار داۋاملىق سەپەر قىلىش ئىـشـەنـچـىـسـىـنـى يـوقىتـىـدۇ. دىئاس ئىلاجسىز قايتىشقا قوشۇلىدۇ، بىراق، كېمە ئەترىتىدىن ئەتراپتىكـى دېڭـىـزدا قىسقا ۋاقىت ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئىـزدىـنـىـش داۋامـىـدا، دېڭىز قىرغىقىنىڭ شەرقىي شىمالغا قايرىلغانلىقىنى، سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭمـۇ ئاتلانتىك ئوكياننىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بـايـقـايـدۇ، كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ چاغدا ئافرىقىنىڭ جەنۇبىنى ئايـلـىـنـىـپ ئۆتـۈپ، ھـىـنـدى ئوكيانغا چىققانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. دىئاسنىڭ ھىندىستان ۋە جۇڭـگـوغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى تېپىش بۇرچى زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدۇ.1488
- يىل3 - ئاينىڭ12 - كۈنى، قايتىش سەپىرىـدە يـەنـە ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بوغۇزىـغـا كـېـلـىـدۇ. ئۇلار كـېـمـىـدىـن چۈشۈپ، قاتتىق قورام تاشقا پورتۇگالىيە يېزىقىـدا پـادىـشـاھ جـونⅡ نىڭ ئىسمىنى ئويۇپ، تۇنجى قېتىم ئافرىقىنى ئەگىپ ئۆتـۈش سـەپـىـرىـنـى خاتىرىلەيدۇ. گەرچە ئۇلار ھىندىستانغا بارالـمـىـغـان بـولـسـىمـۇ، لـېـكـىـن ھىندىستانغا بارىدىغان دېڭىز يولى ئېچىلىدۇ، دىئاس مانا بۇ دېڭىز بوغۇزىنى «ئۈمىد تۇمشۇقى» دەپ ئاتايدۇ، بۇ سۆز ھىندىستاننى تېپىشتىـن ئۈمـىـد بـار دېگەن مەنىدە. بۇ دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئەتراپىدىكـى دولـقـۇن بـەك كـۈچـلـۈك بولغاچقا، «بوران - چاپقۇنلۇق تۇمشۇق»دەپمۇ ئاتالغان.1488
- يىل12 - ئايدا، كېمە ئەترىتى1 يىللىـق دېـڭـىـز سـەپـىـرىـنـى باشتىن ئۆتكۈزۈپ لىسابونغا قايتىپ كېلىدۇ، پادىشاھ دىئاسنى داغدۇغىلـىـق كۈتۈۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ بايقىشى بىر مەھەل زىلزىلە پەيـدا قـىـلـىـدۇ.1500 - يىلى دىئاس يەنە بىر قېتىم چوڭ تىپتىكى كېمە ئەترىتىنـى بـاشلاپ، ئۈمىـد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش سەپىرىگە چـىـقـىـدۇ. كـېـمـە ئەتـرىـتـى ئۈمـىـد تۇمشۇقىنىڭ ئەتراپىغا يېتىپ بارغاندا، بىردەملىك قۇيۇن قاتـتـىـق دولـقـۇن پەيدا قىلىپ، تۆت كېمە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ، دىئاس بەختكە قارشى دېڭـىزدا جان ئۈزىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1450 - 1500) پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچى. 1847 - يىلى 8 - ئايدا، پورتۇگالىيە كورۇلى جوئا Ⅱ نىڭ پەرمانىغا بىنائەن ئۈچ كېمىنى باشلاپ ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىنى ئەگىپ ئۆتۈپ، چوڭ فېس دەرياسى ئېغىزى ئەتراپىغا يېتىپ بارغان. قايتىش سەپىرىدە، 1488-يىلى ئۈمىت تۇمشۇقىنى تاپقان. كېيىن داگامانىڭ ھىندىستانغا سەپەر قىلىش تەييارلىق خىزمىتىگە قاتنىشىپ، كېمە ياسىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 1500-يىلى كابرال باشچىلىقىدىكى كېمە ئەترىتى بىلەن بىللە ھىندىستانغا بېرىپ، ئۈمىت تۇمشۇقى ئەتراپىغا كەلگەندە بورانغا ئۇچراپ قازا تاپقان. <جۇغراپىيىلىك زور بايقاش> قا قاراڭ.
دۇنيا تارىخى
(1) (1830 - 1915)، مېكسىكا زۇڭتۇڭى (1876 - 1880، 1884 - 1911)، مۇستەبىت. شتات باشلىقى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش (1854 - 1860) تا ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنى قوللىغان ھەمدە 1186 - 1867-يىللىرى فرانسىيە مۇداخىلىچى ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1871-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە مەغلۇپ بولغان. 1876-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگخلدە يەرلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى يېڭىۋاشتىن يانچىلارغا ياكى قەرزدار دېھقانلارغا ئايلاندۇرغان؛ چېركاۋنىڭ ئىمتىيازلىرىنى ئەسلىەە كەلتۈرگەن؛ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى سېتىپ، چەت ئەل كاپىتالىنىڭ كان مەھسۇلاتى بايلىقى، تۆمۈريول ياساش ھوقۇقى ۋە سودا - سانائەت كارخانىلىرىنى كونترول قىلىشقا يول قويۇپ،مېسىكىنى ئەنگلىيە، ئامېرىكىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. چوڭ ئېمنىيە ئىگىلىرى، كاتولىك دىنى راھىبلىرى ۋە چەت ئەل كاپىتالىستلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغان ھەمدە 1910-يىلدىكى بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. 1911-يىلى 5-ئايدا ئوغرىلىقچە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن پارىژدا ئۆلگەن. (2) جوسې راموس دىئاس (1894 - 1942) ئىسپانىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياشلىق دەۋرىدە ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە قامالغان. 1925-يىلى خەلقئارا ئىنقىلابىي جەڭچىلەرگە ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1926-يىلى كومپارتىيىگە كىرگەن. 1932 - 1942-يىللىرى ئىسپانىيە كومپارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1935-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 7-قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1936 - 1939-يىللىرىدىكى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە خەلق فرونتىنىڭ مۇھىم رەھبىرى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فرانكونىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. 1942-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.