Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىۋانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەقلىدىن ئازغان، سەۋدايى:
سەرسان، سەرگەردان؛ گاداي.
ئاشىق:
1. يارنىڭ كويىچدا مەن دىۋانە بولدۇم ئاقىبەت،
خەلق ئاراسىدىن چقىپ بىگانە بولدۇم ئاقىبەت.
نەۋبەتى.
3. ئەي سەنەملەر سەرۋەرى، جانىم ساڭا دىۋانەدۇر،
كىم چىراغ ھۇسنۇڭە كۆڭلۈم قۇشى پەرۋانەدۇر.
ئەرشى.
4.بۇ دىۋانە ئالسۇن يىغىپ پۇللارىن،
خەزايىن، دەفايىن بىلە قۇللارىن.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
دىۋانە، تىلەمچى:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەقلىدىن ئاداشقان، ساراڭ: دىۋانى شەيدا - ئەقلىدىن ئاداشقان ئاشىق؛ دىۋانە شىئار - ساراڭ قىياپەتلىك؛ دىۋانە كىردار - دىۋانە پېئىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشلەردىن پۇل _ مال، نەرسە _ كېرەك تىلەپ تىرىكچىلىك قىلغۇچى.
« قەلەندەر »،« دىۋانە » لەرنى بەزى دىني كىتابلاردا خۇدا يولىدىكى « ئاشىق » دەپمۇ تەرىپلەيدۇ. « ئابدال » كۆپىنچە خاماندىن ئاشلىق تىلەيدۇ.
« تىجىمەل » باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ئۇششاق _ چۈش
تىلەمچىنىڭ خالتىسى تۈۋى يوق ھاڭ. ئارزۇ ئەمەلىيەتكە بارۋەر بولسا، تىلەمچى ئاللىقاچان باي بولۇپ كېتەتتى.قەلەندەرنىڭ خۇرجۇنى توشماس. قەلەندەردىن قەلەندەرگە خەير يوق. دىۋانىگە نېپىز نان بەرسەڭ، « قېلىنىنى كىم ئالغان » دەر. ئىتنىڭ قاۋىغىنى بىكار، ھايان دىۋانىنىڭ. ئابدالغا كەپسەن بەرسەڭ، جىڭىڭ راستمۇ دەر. بۇقا بوينىغا يىغار، ئابدال قوينىغا. يالاقچى يالاق بىلەن ماڭىدۇ، تېجىمەل تاباق بىلەن. تېجىمەل كېپەن تاپسا ئۆلۈۋالار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كىشىلەردىن سەدىقە سوراپ، نەرسە - كېرەك تىلەپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشى؛ تىلەمچى، قەلەندەر.
يېقىلغان تام دىۋانىنى بېسىپتۇ (ماقال).