Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇئارتې
دۇنيا تارىخى
دۇئارتې (1813 - 1876) دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى. سانتودومىنگونى بېسىۋالغان مەزگىلىدە، ۋەتەننى ئازاد قىلىش كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. 1838-يىلى 7-ئايدا مەخپىي تەشكىلات - <ئۈچ بىرلىك جەمئىيىتى> (ئۇلارنىڭ شۇئارىخۇدا، ۋەتەن ۋە ئەركىنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان)نى تەشكىللەپ، ھايتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇستەقىللىك ھەركىتىنى قوزغىغان. 1842-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان. 1844-يىلى دومىنىكا جۇمھۇريىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە چاقىرتىپ كېلىنىپ، ھايتىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈشكەقاتناشقان،. بىراق ئىچكى زىددىيەت بىلەن يەنە سۈرگۈن قىلىنغان. 1861-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇش<ۋەتەننى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى> پارتلىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ كۈرەشكە قاتناشقان. كېيىن يەنە بىر قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ كاراكاستا ئۆلگەن.