Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دۇۋالېر
دۇنيا تارىخى
杜瓦利埃
dù wǎ lì āi
(1907 - 1971) ھايتى زۇڭتۇى (1957 - 1971). ھايتى مېدىتسىنا ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپ دوختۇرلۇق قىلغان. 1946-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باش تەپتىشى، سەھىيە مىنىستىرى ۋە ئەمگەك مىنىستىرى بولغان. 1950-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئۆكتىچىلەرگەئايلىنىپ، مەملىكەت ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ دوختۇرلۇق قىلغان. 1956-يىلدىكى سىياسىي ئومۇمىي كەچۈرۈمدىن كېيىن، 1957-يىلى ھەربىي قوشۇننىڭ قوللىشى بىلەن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1964-يىلى ئۆزىنى ئۆمۈرۋايەتلىك زۇڭتۇڭ دەپ ئاتىغان. ئۇ، ئىستىبدات، تېرورلۇق ھاكىمىيەت تىكلەپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى مەنئى قىلغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە ئىگىلىك خارابلىشىپ، ساۋاتسىزلىق تەخمىنەن /90 كە يەتكەن. ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى جېئان كلۇدۇۋالىئېر (1951-يىلى تۇغۇلغان) زۇڭتۇڭ بولغان.