Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دۇت
دائىرە: ئۇنىۋېرسال(ئى)
(1)yān ,yān qì (2)qì wèi
(1)烟,烟气(2)气味
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى杜特〈蒙〉
dù tè 〈méng 〉
دائىرە: دۇنيا تارىخى杜德
dù dé
(1848-1909)دانت دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان، ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى رەھبىرى ھەم يازغۇچىسى. بېنگالنىڭ كالكۇتتادىكى رامبۇگىنداتت ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1869 -يىلى مۈلكىي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، 1871-يىلى ھىندىستاننىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئادۇۋكات، يەرلىك سوتچى، بوردېۋان ۋىلايىتىنىڭ مۇۋەققەت مەمۇرىي ۋالىيسى، ئورىسا ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي ۋالىيسى، بېنگال قانۇن تۈزۈش پارلامىنتىنىڭ ئەزاسى، بارۇدا بەگلىكنىڭ مالىيە ۋەزىرى ۋە باش ۋەزىرى بولغان. 1890-يىلى خەلق كونگېرىسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. رەئىس بولغان مەزگىلىدە بىر يۈرۈش مەمۇرىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. خەلق كونگېرىسى پارتىيىسى مۆتىلدىچىلەرنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ھىندىستان بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئالاقىسىنى ساقلاپ قېلىشى، ھىندىستاننى بىرلىكتە باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ئەنگىلىيىنىڭ لوندۇن ئىنىستىتوتىدا ھىندىستان تارىخى لېكتورى بولغان. بېنگال تىلدا نۇرغۇن تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي رومان يازغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <قەدىمقى زامان ھىندىستان مەدىنىيىتى>، <ئەنگىلىيىگە قاراشلىق ھىندىستان ئىگىلىك تارىخى(ئىككى توملۇق ) قاتارلىقلار بار.