Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇرۇس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەمەلىي پاكىتقا ئۇيغۇن، يالغىنى يوق.
ئەخمەققە يالغانمۇ راست بولار. راست گەپكە جاۋاب يوق. راستنى قوللاش شەرەپ. چىن گەپ جاندىن ئۇلۇغ. «جىڭ ئالتۇن سىناق تېشىدىن قورقماس.» ھەق سۆز ئاچچىق بولار. ھەقنىڭ رىزقى ھەق. ھەق ئۆلۈم ئابروي. توغرا يۈز؛ توغرا سۆزلە؛ توغرا ئاڭلا؛ توغرا تۇر؛ توغرىنى دە؛ توغرىنى كۆر؛ تۈز كەس، توغرا ئېيت. تۈز دەرەخنىڭ پايدىسى تولا، تۈز ئادمنىڭ دوستى. ھەقىقىي سۆزگە قەسەم كەتمەيدۇ. ھەقىقىي بەخت قان - تەردىن كېلىدۇ. دوستۇڭغا دۇرۇس سۆزلە. جېنىڭنى ئېلىشقا قىلىچ تاڭلەنسىمۇ لىللا گەپ قىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر جەھەتتىن تولۇق، ساق، ئۈستۈن ھالەت.
<ئەۋزەل>، <ئەلا>، <ساز>، <خوپ> لار ئادەمنى سۈپەتلەپ كەلمەيدۇ.
ياخشى ئېشىنى يەر، يامان بېشىنى يەر. ياخشى نەدە بولسا ياخشى. سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق، نان ياخشى. ھالال ئىشلەپ تاپساڭ ئەگەر ئارپا نان، خەقنىڭ ئاق نېنىنى يېگەندىن ئوبدان. كىشىنىڭ ئاغزىغا قاراپ، مەنسەپ تۇتقاندىن، ئۆز ئەركىگە ئىگە پۇقرا بولغان دۇرۇس. ئۆزىگە يارىشار ئەخمەقنىڭ چۈشى، نە بىر قىممىتى بار، نە تۈزۈك ئىشى. كىمنىڭ ئەگەر بەلەن بولسا ھىممىتى، كونا كىيىمىدىمۇ چوڭدۇر ئىززىتى. ئېيتىلغان سۆزدىن ئېيتىلمىغان سۆز ئەۋزەل. ۋاقىت ھەممىدىن ئەلا. بۈگۈنكى تۇخۇم ئەتىكى توخۇدىن ئەلا. ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن. ئېسىل دوست يىراقلاشماس. مۇھەببەتنىڭ ئېسىلى دەسلەپكىسى. بوراندا ئۆز كۆزۈڭگە ئىشەنگىنىڭ خوپ، يامغۇردا ئۆز ئۆتۈكۈڭنى كىيگىنىڭ خوپ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەمەلىيەتكە، داۋلىغا، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن، مۇۋاپىق. توغرا يول
ناتوغرا، خاتا، غەلەت
ئەمەلىيەتكە، داۋلىغا، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئەمەس، مۇۋاپىق ئەمەس. خاتا يول
ھېسابچى توغرا بولسا، ھېساب خاتا بولماس. دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن. ناتوغرا ئىش بىلىنمەي قالماس. توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار. غەلىتە گەپ غەلۋە تۇغدۇرار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. توغرا، خاتا ئەمەس.
دۇرۇس قىلماق.
دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن (ماقال).
سۈپ. توغرا، ياخشى، ئوبدان.
دۇرۇس ئادەم.
سۈپ. ئەۋزەل، ئارتۇق.
- قانۇن ئالدىدا جاۋابقا تارتقاندىن ۋىجدان جاۋابقا تارتقىنىم دۇرۇس، - دېدى ھاشىر.
يۈكلىمە رولىدا كېلىپ <توغرا، شۇنداق> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
دۇرۇس، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى مەيلى قانداق ئېھتىياج بولمىسۇن، ئۆز شارائىتىنى، دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.