Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇرۇغ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئالداش، ئالدىماق؛ ساختا، يالغان:
ئەگەر ۋەزىرنىڭ سۆزىدۇر دۇرۇغ،
سېنىڭ ئەمرىڭ ئانداغ تونۇر ئىچرە چوغ.
ئا.نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يالغان، ساختا، ئالدامچىلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
راست ئەمەس، ھەقىقىي ئەھۋالغا زىت.
<يالغان>، <يالغان - ياۋىداق> ئومۇمەن گەپ - سۆزگە قارىتىلىدۇ.
<ساختا>، <جا>، <رىيا> لار ئادەم ۋە نەرسىلەرگە قارىتىلىدۇ، ھىيلە - مىكىر ئارىلاشقان بولىدۇ.
<غەلەت> ئەسلى ھالىدىن باشقىچە ھال.
<جا> خەنزۇچە: 假
يالغانمۇ يولى بىلەن بولسۇن. يالغان - ياۋىداقنىڭ ئۇۋىسىنى تاپماق تەس. ساختا مال ئاسان سېزىلىدۇ. جا ئادەم ئاخىر جاندىن ئايرىلىدۇ. رىيا ئىش يامانلىققا قوشنا. غەلەت ھەرىكەت قىلساڭ، غەلىبە يوق.