Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇرر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: دۇرەر. دۇر، ئۈنچە، مەرۋايىت:
مەنىلەر، سۆزلەر؛ چوڭقۇر مەنىلىك، چىرايلىق، نازۇك پىكىرلەر:
كۆز يېشى، ياش تامچىلىرى، ياش ئۈنچىلىرى:
1. ساڭا قۇل بولغانىغە فەخر ئېتەرلەر بارچە سەرۋەرلەر،
تىشىڭنى ھەسرەتىدىن قان يۇتارلار دۇررۇ گەۋھەرلەر.
قەلەندەر.
2. قان ياشىمنى ھەجرىدە، شېئىرىمنى ۋەسفىدە كۆرۈڭ،
كىم بۇ يەڭلىغ دۇررۇ گەۋھەر قايسى بەھرۇ كان بېرۇر.
بابىر.
3. ئەشك دۇررىن تىزغالى جىسىم ئۆزرە كۆزلەر ھىكمەتى،
گويىيا كەۋكەب ساچىلغان يەر ئۆزە يەتتى تەبەق.
ئەرشى.
4. مۇكەللەل مېھر دۇرى بىرلە تاجى،
ئانىڭ بىر ئۆزگە دۇرغە ئېھتىياجى.
نەۋايى.
5. بولۇپ قىزغە مەۋجۇد چۇ دۇررى مۇراد،
كۈلۈپ غۇنچە يەڭلىغ چۇنان بولدى شاد.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
پەرزەنت:
سۆيگۈ، ئىشىق:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۈنچە، جىنتاش، مەرۋايىت، گۆھەر: دۇررى ئەشك - كۆز يېشى (كۆچمە مەنىدە)؛ سۆز دۇررى - قىممەتلىك، مەزمۇنلۇق سۆز؛ دۇررى گىرامى - قەدىرلىك ۋە قىممەتلىك دۇر. كۆچمە مەنىسى: يار، مەھبۇب، گۈزەل؛ دۇررى ناب - تازا، تىنىق دۇر. كۆچمە مەنىسى: قىممەتلىك سۆز؛ دۇررىت تاج - تاجغا ئورنىتىلغان ئۈنچە؛ دۇررى خۇشاب - يالتىراق ئۈنچە، تازا ئۈنچە؛ دۇررى شەب چىراغ - كېچىسىنى يورۇتىدىغان چىنتاش؛ دۇررى شاھۋار - چوڭ ۋە ئەڭ ئېسىل ئۈنچە؛ دۇررى غەلتان - يۇمىلاق ئۈنچە.