Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
多倍体
بىئولوگىيە
كۆپ ھەسسىلىك تەنچە
تەن ھۈجەيرىسىنىڭ تەركىبىدە ئۈچ يۈرۈش (گۇرۇپپا) ياكى ئۈچ يۈرۈشتىن ئارتۇق خروموسوما بولغان ئىندىۋىد، يەنى 3n، 4n قاتارلىقلار. ئەگەر ھۈجەيرىدىكى بارلىق خروموسومىلار پۈتۈنلەي ئوخشاش بىر تۈردىن كەلگەن بولسا، ئوخشاش مەنبەلىك كۆپ ھەسسىلىك تەنچە دەپ ئاتىلىدۇ. ئوخشاش مەنبەلىك كۆپ ھەسسىلىك تەنچە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ: (1) خروموسومىلار نۇسخىلانغان ئەمما سىتوپلازما بۆلۈنمىگەندە كولخىتسىندىن پايدىلىنىپ ياكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئوخشاش مەنبەلىك كۆپ ھەسسىلىك تەنچىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، مەسىلەن، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا بىر تەرەپ قىلىنسا، ئۈچ ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە چۆپخور بېلىق (زاغرا بېلىق) ھاسىل بولىدۇ. (2) سان كېمەيتمىگەن گامېتا بىلەن بىرىكىدۇ. ئەگەر ھۈجەيرىدىكى خروموسوما گۇرۇپپىلىرى ئوخشىمايدىغان تۈرلەردىن كېلىدىغان بولسا، غەيرىي مەنبەلىك كۆپ ھەسسىلىك تەنچە دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە تۈرلەر ئارا ياكى چەتتىن يېتىشتۈرۈش ھاسىل بولىدىغان تۇغماس ئەۋلاد خروموسومىلار ھەسسىلەنگەندىن كېيىن شەكىللىنىدۇ، مەسىلەن، قوش دانلىق بۇغداي بىلەن قارا بۇغداينى چېتىشتۇرغاندا ھاسىل بولىدىغان غەيرىي مەنبەلىك ئالتە ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە قارا بۇغداي. كۆپ ھەسسىلىك تەنچىنىڭ ھاسىل بولۇشى جانلىقلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش يوللىرىنىڭ بىرى، كۆپ ھەسسىلىك تەنچىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ھاسىل قىلىش تۈرلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر.
باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق,ئورمانچىلىق
duō bèi tǐ
كۆپ ھەسسىلىك تەنچەDتېببىي
duō bèi tǐ
كۆپ ھەسسىلىك تەنچە، پولىپلوئىدDتېببىي
duō bèi tǐ
كۆ ھەسسىلىك تەنچەDئۇنىۋېرسال
duō bèi tǐ
پولىپلوئىد، كۆپ ھەسسىلىك تەنچە