Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
盾皮鱼类
بىئولوگىيە
پلاكودېرمالار
<قالقان تېرلىك بېلىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى بېلىقلار. ئاز ساندىكى تۈرلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ باش قىسمى ۋە گەۋدە قىسمىلىرى دۇبۇلغا شەكىللىك، سۆڭەك ماددىلىق قالقان پلاستىنكىسىغا قاپلىنىپ تۇرغاچقا شۇنداق ئاتالغان. تەن شەكلى ساۋۇتلۇق بېلىقلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن بۇرۇن تۆشۈكى جۈپ، ئۈستۈنكى - ئستىنقى جاغلىرى ۋە جۈپ پالىقى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق سېزىش، ئوزۇقلىنىش ۋە ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى كۈچەيگەن بولۇپ، ساۋۇتلۇق بېلىقلارغا قارىغاندا زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئىگە. ئانتىيارچى (Antiarchi)، ئارترودىرا (Arthrodira) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار كىچىك تىپتىكى (بەدەن ئۇزۇنلۇقى نەچچە سانتىمېتىر) ياكى چوڭ تىپتىكى (ئون نەچچە مېتىر) تاتلىق سۇ ۋە دېڭىز بېلىقلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى سىلۇر دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا تېپىلغان بولۇپ، ساۋۇتلۇق بېلىقلاردىن سەل كېيىن تۇرىدۇ، دېۋون دەۋرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە كۆپ قىسمىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. ئومۇميۈزلۈك جاغلىق ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ يىراق ئەجدادلىرى دەپ تونۇلماقتا. ھازىرقى بېلىقلار شۇنىڭدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. قالقان تېرىلىك بېلىقلار ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا بىر قىسمى كۆمۈرچىلىك بېلىقلارغا (chondrichthyes) بىر قىسمى سۆڭەكلىك بېلىقلارغا (Dsteichthyes) تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان.