Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دۇنكېرىك
دۇنيادىكى شەھەرلەر
敦刻尔克
dūn kè ěr kè
فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرى، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 186 مىڭدىن ئاشىدۇ. تۆمۈريول سالى ئارقىلىق ئەنگلىيىنىڭ دۋىر پورتى بىلەن تۇتىشىدۇ. تۆمۈريول ھەم قاناللار ئارقىلىق بېلگىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. دۇنكېرىك فرانسىيىنىڭ مۇھىم بېلىقچىلىق، ھەربىي ھەم سودا پورتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جاي ئارقىلىق تۆمۈر رۇدىسى، نېفىت، خىمىيىۋى ئوغۇت، قوي يۇڭى، پاختا ئىمپورت قىلىنىدۇ؛ سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. دۇنكېرىك فرانسىيىنىڭ مۇھىم پولات - تۆمۈر سانائەت بازىسىنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەر بار. 1940 - يىلى 5 - ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن بىر قىسىم فرانسىيە ئارمىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن دۇنكېرىكىگە چېكىنگەن، كېيىن بۇ جاي ئارقىلىق ئەنگلىيىگە چېكىنگەن. شۇڭا تارىختا <دۇنكېرىك چېكىنىشى> دەپ ئاتىلىدۇ. 1944 - يىلى 9 - ئايدا ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسى ھۇجۇم قىلغانلىقتىن شەھەرنىڭ 4/3 قىسىم قۇرۇلۇشى ۋەيران بولغان، ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا كېڭەيتىپ قۇرۇلغان.