Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دۇنبار
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
邓巴
dèng bā
دۇنيا تارىخى
邓巴
dèng bā
(1972 - 1906) ئامېرىكىلىق نېگىر يازغۇچى. ئوخىئو شتاتىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتا - ئانىسى جەنۇبقا قېچىپ سەرسان بولغا قۇل. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا 9118 ئىشتىياق باغلاپ، ئوقۇغۇچىلار ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى بولغان. 1891 -يىلى دايتون ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1189 - 1895-يىللىرى كران ئىشچىسى بولغان. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1893 - يىلى تۇنجى قېتىم شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلغان. ئىككى يىلدىن كېيىن <كۆپ سانلىقلار ۋە ئاز سانلىقلار> دېگەن شېئىرلا توپلىمى نەشر قىلىنغان. 1897-يىلى تەكلىپ بىلەن ئەنگلىيىەە بارغان. شۇ يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدا خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى نېگىرلار تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساس قىلغان. ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شېئىرلار توپلىمى < ئاساسىي قاتلام تۇرمۇش ناخشىسى> بولۇپ، چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن، نېگىر خەلق قوشاقلىرى تۈسىگە باي، تىلى تەسىرلىك بولۇپ، نېگىرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئىنتىلگەنلىكى ئىپادىلەنگەن. <ئەرۋاھلارنىڭ خۇشاللىقى> دېگەن رومانىدا، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا كۆچۈپ بارغان نېگىر ئائىلىسىنىڭ ئازاب - ئوقۇبىتى تەسۋىرلەنگەن.