Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇمباق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كەردىشكە ئاقلانغان تېرە تارتىلىپ، ئۇرۇپ چىلىنىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى.
« داپ » قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ، باشقا چالغۇلارغا تەڭكەش قىلىنىدۇ.
« دۇمباق » يەرگە قويۇپ تاياق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.
« ناغرا » يەرگە قويۇپ جۈپ چوكا بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ،
ئىككى نان تاپسا، بىرىنى داپ قىلىپ چالىدىغان. دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان، ئىچى قۇرۇق. تويدىن كېيىن ناغرا. بارابان بالىلارنىڭ روھىنى كۆتۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مۇزىكا
چوكا بىلەن چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى. كۆپىنچە يۇمىلاق تۇڭ شەكلىدە بولىدۇ. ئىچى كاۋاك، بىر ياكى ئىككى تېرە كىيدۈرۈلىدۇ.