Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
堆肥
دائىرە: بىئولوگىيەدۈملىمە ئوغۇت
يېزا ئىگىلىكىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئوغۇت. ئۇ ھەر كۈنى ئورگانىك كېرەكسىز ماددىلار، گەندە، سۈيدۈك ۋە پاسكىنا سۇ قاتارلىقلارنى توپلاپ 1 - 3 ئاي ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. ئۇ بىر قاتار مىكرو بىئولوگىيىلىك جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توپلىغاندىن كېيىن دەسلەپكى مەزگىل يەنى قىزىش باسقۇچىدا مۆتىدىل مىكرو ئورگانىزملار ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئاسان پارچىلىندىىغان ئورگانىك ماددىلار تېز سۈرئەتتە پارچىلىنىش بىلەن بىرگە ئىسسىقلىق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوغۇت دۆۋىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق باسقۇچقا كىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىسسىقنى خالايدىغان مىكرو ئورگانىزملار تېز سۈرئەتتە پارچىلىنىپ ئەلا سۈپەتلىك ئوغۇتقا ئايلىنىدۇ. بۇ خىل ئوغۇتنىڭ ئۈنۈمى ئاستا، داۋاملىشىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ ھەمدە تۇپراقنى ياخشىلايدۇ. ئېچىتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا بەزى كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار، ھاشارات تۇخۇملىرى ۋە ئارىلاش ئوتلارنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقتىن، زىرائەت زىيانداشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە.
يېزا ئىگىلىك,باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق
duī féi
دۈملىمە ئوغۇتDئورمانچىلىق
duī féi
دۇملىمە ئوغۇتDئۇنىۋېرسال
duī féi
دۈملەنمە ئوغۇت
Dتېببىي
duī féi
ئېچىتما ئوغۇت، دۈملەنمە ئوغۇت
GetWord كۇللىياتى
ئاھاڭ: 8duī féi
ئېچىتما ئوغۇت
دۈملىمە ئوغۇت
دۈملەنمە ئوغۇت
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.