Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۈشەنبە
بىئولوگىيە
سوېت ئىتتىپاقى تاجىكسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر تاجىكىستاننىڭ غەربىدىكى گىيسار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. 1929 - يىلدىن 1961 - يىلغىچە <ستالىن ئابات> دەپ ئاتالغان. ئاھالىسى 552 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). بۇ جاي ئەسلى كىچىك بىر يېزا بولۇپ، 1925 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. ھازىر تاجىكىستاننىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋايول تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە پاختا توقۇمىچىلىق، يىپەك تارتىش، يېمەك - ئىچمەك ۋە پاختا توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، تاجىكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە باشقا ئالىي بىلىم يۇرتلىر بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ھەپتىنىڭ يەكشەنبىدىن كېيىن سەيشەنبىدىن بۇرۇن كېلىدىغان، بىرىنچى كۈنى.