Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇبلىن
بىئولوگىيە
غەربىي ياۋروپادىكى ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ (1981). دۇبلىن شەھىرى لىف دەريا ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ جاينىڭ ئاساسى 9 - ئەسىردە سىكاندىناۋىيىلىكلەر تەرىپىدىن سېلىنغان، كېيىن بۇ جايدا دانىيىلىكلەر سودا - سېتىق قىلغان. 1170 - يىلى ئالگلو ساكسونلار بىلەن نورماندى خەلقلىرى دۇبلىن قەلئەسىنى قۇرغان. 1841 - يىلى پايتەختى بولغان. دۇبلىن ئېرلاندىيىنىڭ ئەڭ ئاساسىي سانائەت مەركىزى، شەھەرنىڭ مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، خىمىيە قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا 1591 - يىلى قۇرۇلغان تىلىتان داشۆسى قاتارلىق بىر قانچە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى، رەسسامچىلىق ئورۇنلىرى، كۇتۇپخانىلار، ياۋروپا بويىچە چوڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك باغچىلىرى بار.