Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دىسرائېلى
دۇنيا تارىخى
迪斯累里
dí sī lèi lǐ
(1804 - 1881) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1867 - 1868، 1874 - 1880). مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى. يەھۇدىي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، 1817-يىلى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1832-يىلى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان، 1837-يىلى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1832-يىلى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان، 1837-يىلى تۆۋەن پالاتادىكى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. تورى پارتىيىسىنى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغاند مۇھىم رول ئوينىغان. 1847-يىلدىن باشلاپ پارلامېنتتىكى ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بولغان. ئۈچ قېتىم مالىيە ۋەزىرى (1852، 1858، 1865) بولغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە مۇستەملىكىچىلىك - كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يولغا قويغان. 1875-يىلى پاي چېكى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن سۇۋەيش قانىلىنى كونترول قىلغان؛ 1877-يىلى ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى ۋىكتورىيەگە تاج كىيدۈرۈپ ھىندىستاننىڭ كورۇلىۋاسى قىلغان؛ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىش (1878 - 1879) ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇلۇلارنى بويسۇندۇرۇش (1879) ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1878-يىلى تۈركىيىنىڭ قولىدىن سىپرۇسنى تارتىۋالغان. 1880-يىلى ئافغانىستانغا قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە بۇلارنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى ئارقىسىدا، ئىچكى كابىنېت تەختتىن چۈشكەن. ئۇنىڭ <ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە>، <ئەنگلىيىگە ئاساسىي قانۇنىنى ئېنىق پەرق ئېتىش توغرىسىدا>، خۇيگچىلىق روھى<، >لوردگىئورگى بىدىنكىنىڭ تەرجىمىھالى< قاتارلىق ئەسەرلىرى ۋە بەزى ھېكايىلىرى بار.