Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دېرژاۋىن
دۇنيا تارىخى
杰尔查文
jié ěr chá wén
(1743 - 1816) روسىيىلىك كلاسسىزملىق شائىر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. يېكاتېرىنا Ⅱ نىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىش ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قاتناشقان، كېيىن ئوبلاست باشلىقى، ئايال پادىشاھنىڭ كاتىپى ۋە ئالېكساندر Ⅰ دەۋرىدە ئەدلىيە ۋەزىرى بولغان. 1773-يىلى شېئىر يېزىشقا كىرىشىپ رۇس ئىمپېرىيىسىنى مەدھىيىلىگەن، پادىشاھ ۋە ۋەزىرلەرنى ماختىغان. بەزى شېئىرلىرىدا ئوردا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يامان ئادەتلىرىنى پاش قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <فىزىكا>، <گراف سۇۋروۋنىڭ غالبىيىتىگە مەدھىيە>، <ۋەزىر>، <گېرتسوگ مىچېلىسكىنىڭ ئۆلۈمى>، <شارقىراتماق> قاتارلىقلار بار.