Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دىڭ رويۇڭ
دۇنيا تارىخى
丁若镛
dīng ruò yōng
(1762 - 1836) چاۋشيەن لى سۇلالىسى پراكتىكا ئىلمىي ئېقىمىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئالىم. ئىسمى مېييۇڭ، تەخەللۇسى چاشەن، چىئەن، يۈي يۇتاڭ، سەنمېي ۋەھاكازالار. ئۇنۋانى ۋېندۇ. ئەسلى يۇرتى چۈەنلوداۋ ئۆلكىسىدىكى لوجۇ (سېئۇل) دىن، سېئۇ شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ياڭجۇ ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. 1776-يىلى پايتەختكە بېرىپ لى يىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن قول يازمىلىرىنى ئوقۇپ ئەمەلىي بىلىمگە بېرىلىپ كەتكەن ھەمدە لى نيې بىلەن ئارىلىشىپ، غەربنىڭ يېقىنقى زامان ئىلمىي ۋە دېموكراتىك ئىدىيىسى بىلەن ئۇچراشقان. 1789-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. خانلىق كۇتۇپخانىنىڭ مىرزىسى، جازا پىرقىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەىپىلەرنى ئۆتىگەن. كران ياساپ، شۇييۈەن شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان. كاتولىك پوپى جۇۋېنمۇ ۋەقەسىگە چېتىلىپ قېلىپ، ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ جۇڭچىڭ ئۆلكىسى خۇڭجۇدىكى جىنجىڭنىڭ نازارەتچىسى، خۇاڭخەي ئۆلكىسى گۇشەن مەھكىمىسىنى ئەمەلدارى بولغان. 1801-يىلى شىنيۇ دىنىي ئىشلار دېلوسى يۈز بەرگەندە ئاكىسى دىڭ روجۇڭنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ دېلوغا چېتىلىپ قېلىپ، چىڭشاڭ ئۆلكىسىنىڭ چاڭچى دېگەن يېرىگە سۈرگۈن قىلىنغان. خۇاڭ سىيۇڭنىڭ شايىغا يېزىلغان خېتى ۋەقەسى تۈپەيلىدىن، چۈەنلو ئۆلكىسىنىڭ كاڭجىن دېگەن يېرىگە سۈرگۈن قىلىنغان. سۈرگۈن قىلىنغان 18 يىل داۋامىدا ئۇ چاۋشيەن ۋە چەتنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىنى ۋە غەربنىڭ يېڭى پەنلىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان. 1818-يىلى كەچۈرۈم قىلىنىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ، داۋاملىق ئەسەر يېزىشقا بېرىلگەن. ئاخىر ئەمەلىي ئىلىم ئېقىمىدىكى مەشھۇر ئالىم بولۇپ چىققان، ئەقلىي تەتقىقات ۋە خەلقنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىي مەسلىلىەرگە ئەھمىيەت بەرگەن. <يۈي يۇڭتاڭ قامۇسى> نى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن <ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ تەۋەررۈك ئۈلگىلىرى>، <پۇقرالارنىڭ يۈرەك ساداسى>، <بۈيۈك كورىيە زېمىنىنى تەكشۈرۈش>، <ماۋخېڭ - ماۋچاڭ نەزمىلىرى دەرسلىكى> قاتارلىقلار بار.