Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دىققەتنىڭ جىددىيلىكى
پسىخولوگىيە
注意的紧张性
zhù yì de jǐn zhāng xìng
بۇدىققەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشكەن چاغدىكى ئاكتىپ ھالىتى، بۇ خىل ئاكتىپ ھالەت، بىر تەرەپتىن دىققەت دائىرىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن مەركەزلەشكەن ئوبيېكتقا چوڭقۇر چۆككەنلىكىدۇر، دىققەت جىددىي ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتتا كىشى دىققەت ئوبيېكتىغا قاتتىق بېرىلگەن بولۇپ، ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ. كىشىنىڭ «ئىلھامى» كەلگەن ھالىتى دىققەتنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ھەم نەتىجىسى. دىققەتنىڭ جىددىيلىكى قانچە كۇچلۈك بولسا، مەركەزلىشىشىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. دىققەتنىڭ شۇنداق يۇقىرى جىددىيلىككە يېتىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق ھالەتكە كەلتۈرىدىغان تولۇق شارائىت بولۇشى كېرەك. دىققەتنىڭ جىددىيلىكى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دىققەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كېلىشى ئۆگىنىش ۋە خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. لېكىن بەزىدە بۇ جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، چۇنكى ئۇرۇنغىچە جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى كىشىنى ئوڭاي ھارغۇزىدۇ، ھەتتا دىققەتنى چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويىدۇ