Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دىققەت مەركىزى ۋە دىققەت چېگرىسى
پسىخولوگىيە
注意中心与注意边缘
zhù yì zhōng xīn yǔ zhù yì biān yuán
دىققەت دائىرىسى ئىچىدىكى دىققتىمىز قارىتىلىپ مەركەزلەشكەن ئوبيېكتلارنىڭ ئېنىق، تولۇق، چوڭقۇر ئەكس ئېتىلگەن دائىرە ئىچى دىققەت مەركىزى دېيىلىدۇ؛ بۇلاردىن باشقا، بىر مۇنچە شەيئىلەر دىققەت مەركىزىنىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇرلار ئېڭمىزدا خىرە ئەكس ئېتىلىدۇ، لېكىن پۈتۈنلەي ئەكس ئېتىلمەيمۇ قالمايدۇ. بۇ دائىرە دىققەت چېگرىسى دېيىلىدۇ. دىققەت مەركىزى بولسۇن، دىققەت چېگرىسى بولسۇن دىققەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملىرىدۇر. بۇ قاتلاملارنىڭ ھەممىسىلا دىققەت دائىرىسىگە كىرىدۇ.