Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دىپو نېگورو
دۇنيا تارىخى
蒂博.尼哥罗
dì bó .ní gē luó
(1785 - 1855). ھىندۇنېزىيىنى مىللىي قەھرىمان. يوگياكارتا پادىشالھىقىنىڭ سۇلتانى ئاماڭكۇ بۇۋونو Ⅲ (1810 - 1814-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ ئوغلى. تېگالرېدجادا مۆھۈرلەپ بېرىلگەن يېرى بار. بالىلىق چېغىدىن باشلاپلا نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان، ئىسلام دىنىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، قۇدرەتلىك ئىسلام دۆلىتىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇشقا بەل باغلاپ، ھىندۇنېزىيە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، 1825-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە ياۋا ئىسلام پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، ئۆزى سۇلتان بولغان. 1830-يىلى ئالدىنىپ گوللاندىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان چاغدا، قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. 1855-يىلى سېلات ماكاسسارا (ھازىرقى ئۇچۇڭ پانداڭ) تۈرمىسىدە ئاغرىپ ئۆلگەن. <دىپو نېگورو ئۇرۇشى( غا قاراڭ.