Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دوڭسۇن مەدەنىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى东山义文化
dōng shān yì wén huà
ۋيېتنامنىڭ مىس قورال دەۋرى ۋە دەسلەپكى تۆمۈر قورال دەۋرى مەدەنىيىتى. 1924-يىلى ۋيېتنامنىڭ چىڭخۇا ئۆلكىسى دوڭسۇن ناھىيىسىنىڭ دوڭسۇن كەنتىدە بايقالغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. مىس قورال ياساش تېخنىكىسى تەرەققىي تاپقان، جابدۇق - سايمان، ئۇرۇش قوراللىرى، زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار. تىپىك يادىكارلىقتىن مىس دۇمباق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تۈزۈلۈشى يۈزلىكى كىچىك، تېگى يوغان، قورساق قىسمى پولتىيىپ چىققان، قورساق قىسمى، بەل، ئاياغ قىسمىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكنىڭ ئايرىمىس ئوچۇق. ساپال بۇيۇملارنىڭ كۆپ قىسمىغا سىزىقچە ۋە تولىما نەقىش چۈشۈرۈلگەن. سىلىقلانغان تاش قوراللار يەنىلا ساقلانغان. يەنە جۇڭگو خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى برونزا ئەينەك بىلەن برونزا يارماقمۇ تېپىلغان. يىل دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن Ⅰ ئەسىرگىچە.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.