Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دورتمۇند
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى多特蒙德
duō tè méng dé
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر多特蒙德
duō tè méng dé
گېرمانىيىنىڭ دۇر رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم سانائەت - كان رايونىنىڭ بىرى. بۇ شەھەر رېبىن دەرياسىنىڭ تارمىقى ئېمىسچېر دەريا بويىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). بۇ جاي 9 - ئەسىردىن باشلاپ خاتىرىگە ئېلىنغان. ئوتتۇرا ئەسىردە خانسا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، شىمالىي گېرمانىيىنىڭ سودا شەھىرى بولغان. 19 - ئەسىرنى ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كۆمۈر، تۆمۈر قاتارلىق كاب بايلىقلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ھازىر بۇ شەھەر گېرمانىيە بويىچە كۆمۈر ئېلىش، كوكىس تاۋلاش، پولات - تۆمۈر، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق، خىمىيە، پىۋا ئىشلەش، ھەربىي سانائەت جەھەتتە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. پىۋا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ رېين - ئېمىس قانىلى قېزىلغاندىن كېيىن شەھەرنىڭ سۇ قاتنىشىدىكى ئورنى تېخىمۇ ئۆستى. ھازىر مۇھىم دەريا پورتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەھەردىن يولغا چىققان پاراخوتلار قانال ھەم دەريالار ئارقىلىق شىمالىي دېڭىز ياقىسىدىكى ئومدېن پورتىغا چىقالايدۇ. رېين - خىرنا قانىلى ئارقىلىق رېين دەرياسىغا ئۆتكىلى بولىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.