Uyghurئاساسىي لۇغەت
دوقۇرۇشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<دوقۇرماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا دوقۇرۇشتى.
ئۇچرىشىپ، توغرا كېلىپ، دۇچ كېلىپ قالماق.
ئۇ كىمنىدۇر قارغاپ، ئاچچىق قىلىپ كېتىۋېتىپ، ئالدىدىكى كىشىگە دوقۇرۇشۇپ قالغاندىلا بېشىنى كۆتۈردى.
توقۇنۇشۇپ، تۇتۇشۇپ قالماق.
مىللىي ئارمىيىدىن ئەجەللىك زەربىلەرنى يەپ، قان يۇتۇپ قاچقان قۇيرۇقچىلار نېرىقى تاغنىڭ تازا يامان بىر يېرىدە مىللىي ئارمىيىنىڭ رازۋېدكا ئىسكادىرونى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى.
بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالماق، بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرمەك.
كامىللار ھەر ئىككىلا نەزىرنىڭ بىر كۈنگە دوقۇرۇشۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزلىرى زاكىرجاندىن بىر كۈن كېيىن ئۆتكۈزمەكچى بولدى.