Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
动作形式
پسىخولوگىيە
ھەرىكەت شەكلى
بۇ «ھەرىكەتنىڭ توغرىلىقى» نى تەشكىل قىلغان تەرەپلەرنىڭ بىرى. ئۇ ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ھەرىكەت دائىرىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ھەرىكەت يۆنىلىشى ھەرىكەتنىڭ ترايېكتورىيىسى، يەنى پۇت - قول ھەرىكىتىنىڭ ترايېكتورىيىسى يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە قارىتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرىكەت دائىرىسى دېگىنىمىز، ھەرىكەت مىقدارىنىڭ چوڭ - كىچىكلكىنى، يەنى پۇت - قول ھەرىكەتلىنىدىغان ئارىلىقنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. توغرا ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشى چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك. دائىرىسى چوقۇم مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. ھەرىكەت يۆنىلىشى خاتا بولسا، ھەرىكەت دائىرىسى بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولسا، ھەرىكەتتە ناتوغرىلىق سادىر بولىدۇ
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.