Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
东游运动
دۇنيا تارىخى
شەرققە ساياھەت قىلىش ھەركىتى
ۋيېتنامنىڭ ئىلغار زىيالىيلىرىنىڭ ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇش ھەركىتى. ياپونىيە ۋيېتنامنىڭ شەرق تەرىپىدە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋيېتنامنىڭ بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلىرى جۇڭگولۇق كاڭ يۇۋىي، لياڭ چىچاۋلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ياپونىيە مېيجىيېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىگە تەقلىد قىلىپ،فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلماقچى بولغان. 1904 - يىلى ئىسلاھاتچىلار كوللىكتىپى يېڭىلىققا كۆچۈش ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللىگەن. 1905 - 1908 - يىللىرى ئارىلىقىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇشقائۇيۇشتۇرغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋيېتامنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ،ئۇلار ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت ئۆگىنىشتىن سىرت، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتىنى زور كۈچبىلەن ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولغان فەن پېيجۇ يەنە ياپونىيىدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئىنقىلابچى سۇن جۇڭسەن قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلاشقان ھەمدە ياپونىيىنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان. ھەرىكەت مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغان.فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ياپونىيە ھۆكۈمران گورۇھ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ كۈچىنىڭ بارىچە توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. 1908 - يىلى 9 - ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋيېتنامنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپىنى تارقىتىۋېتىپ، ۋيېتناملىقلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان، ھەرىكەت يىمىرىلگەن.