Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
东洋拓植株式会社
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ئۆزلەشتۈرۈش ھەسسىدارلىق شىركىتى
ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندە مۇستەملىكىچىلىك بۇلاڭ - تالاڭ ئېلىپ بارىدىغان ئالاھىدە شىركىتى. 1908 - يىلى قۇرۇلغان. مەخسوس تېرىلغۇ يەر، سۇ ئىنشائاتلىرى، يەر - زېمىن ئېلىپ - سېتىش، ئۆي - جاي قۇرۇلۇشى، جازانىخورلۇق قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تالان - تاراج قىلىشىغا ئاكتىپلىق بىلەن ھەمكارلاشقان. چاۋشيەننىڭ كۆپ قىسىم مۇنبەت ئېتىزلىرىنى، ئورمانلىق تاغلىرىنى ئىدارە قىلغاندىن باشقان، يەنە كۆپلىگەن كارخانا، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى قۇرۇپ، چاۋشيەن خەلقىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى كۈچەيتكەن. 1917 - يىلىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال، موڭغۇلىيە، شىمالىي جۇڭگو رايونلىرىغا سىڭىپ كىرگەن. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگىچە كېڭەيگەن. 1945 - يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ چاۋشيەننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۈلكى خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان، جەنۇبىي چاۋشيەندىكىسىگە بولسا يېڭى كورىيە شىركىتى ۋارىسلىق قىلغان.