Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
动物区系
دائىرە: بىئولوگىيەھايۋانلار رايون سىستېمىسى
مەلۇم بىر تەبىئىي مۇھىتنىڭ (يەر ياكى سۇلۇق رايوننىڭ) تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ۋە ھازىرقى زامان ئېكولوگىيىىك شارائىت ئاستىدا شەكىللەندۈرگەن ھايۋانلار توپى. تەبىئىي جۇغراپىيىلىك رايونلار، تۈرگە ئايرىش سىستېمىسى، ياشاش ماكانىنىڭ ئورتاقلىقى، ياشاش ئۇسۇلى، تارىخىي دەۋر شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى قاتارلىق پرىنسىپلارغا ئاساسەن بۆلۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، زوئو جۇغراپىيىلىك نۇقتىئىنەزەر بويىچە پۈتكۈل يەر شارىدىكى ھايۋاناتلارنى دېڭىز - ئوكيان ھايۋانلىرى رايون سىستېمىسى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى رايون سىستېمىسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەبىئىي مۇھىتى مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرىشلىك بولۇپ، يەنە ئاۋسترالىيە رايونى، يېڭى تروپىك بەلباغ رايونى، ئېفىئوپىيە (ھەبەشىستان) رايونى (تروپىك بەلباغ)، قەدىمكى شىمال رايونى، يېڭى شىمال رايونى ۋە شەرقىي ئوكيان رايونى (ھىندىستان - مالايسىيا رايونى) دىن ئىبارەت ئالتە رايونىغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ھايۋانلار ياشىغان تارىخىي دەۋرلەرگە ئاساسەن تاش كۆمۈر دەۋرى ھايۋانلىرى رايون سىستېمىسى، ئۈچىنچى دەۋر ھايۋانلىرى رايون سىستېمىسىغا بۆلۈنىدۇ؛ تۈرگە ئايرىش سىستېمىسى پرىنسىپى بويىچە ئىمىتكۈچى ھايۋانلار رايون سىستېمىسى، قۇشلار رايون سىستېمىسىغا بۆلۈنىدۇ؛ تۇرۇشلۇق جايىنىڭ ئورتاقلىقىغا قاراپ ئوتلاق ھايۋانلىرى رايون سىستېمىسى، ئورمان ھايۋانلىرى رايون سىستېمىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي كۆز قارىشى بويىچە ئوۋ ھايۋانلىرى رايون سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك زىيانداش قۇرت ھايۋانلىرى رايون سىستېمىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ ۋەھاكازا.
دائىرە: ئۇنىۋېرسالdòng wù qū xì
ھايۋانات رايونى سىستېمىسىنىڭ
Dجۇغراپىيە
dòng wù qū xì
قائۇناDئورمانچىلىق
dòng wù qū xì
ھايۋانات سىستېمىسى
GetWord كۇللىياتى
ئاھاڭ: 8dòng wù qū xì
ھايۋانات رايونى سىستېمىسى
ھايۋانات رايونى
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.