Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
东南亚集体防务条约
دۇنيا تارىخى
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا كوللىكتىپ مۇداپىئەلىنىش شەرتنامىسى
<مانىلا شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1954 - يىل 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە، فىلىپپىن، تايلاند ۋە پاكىستانلار بىلەن فىلىپپىننىڭ مەركىزىي مانىلادا ئىمزالىغان ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. شەرتنامىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولغان ئۆز ئىچىدە ۋە ئۆزئارا ياردەم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قوراللىق ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش؛ شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، دەرھال كېڭىشىپ، ئورتاق مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىش تەكىتلەنگەن. شەرتنامىگە ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى تاجاۋۇزچىلىق ۋە قوراللىق ھۇجۇمنىڭ مەنىسى <پەقەتلا كوممۇنىستىك پارتىيىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغىلا مۇۋاپىق كېلىدۇ>. لېكىن <ناۋادا باشقا تاجاۋۇزچىلىق ياكى قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەندە>، مەزكۇر شەرتنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن <كېڭىشىش كېرەك>، دېگەن <چۈشىنىش> قوشۇمچە قىلىنغان. 1955 - يىلى شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغان. باش ئورگىنى تايلاندنىڭ پايتەختى بانگوكتا تەسىس قىلىنغان. 1967 - يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە رەسمىي ۋەكىل ئەۋەتىپ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزالار يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان؛ 1972 - يىلى 11 - ئايداپاكىستان مەزكۇر تەشكىلاتتىن چىكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. 1977 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكى رەسمىي جاكارلانغان. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تايلاند، ئاۋسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، 1980 - يىلىنىڭ بېشىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەزكۇر شەرتنامىنىڭ <يەنىلا كۈچكە ئىگە> ئىكەنلىكىنى، <ھەرقايسى دۆلەتنىڭ مانىلاشەرتنامىسىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى> بىلدۈرۈشكەن.