Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
动机和效果
پسىخولوگىيە
مۇددىئا بىلەن ئۈنۈم
مۇددىئا كىشلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى بولسا، ئۈنۈم ئەمەلىيىتىنىڭ ئوبيېكتىپ نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. مۇددىئا بىلەن دىئالېكتىك بىرلىك. كىشلەرنىڭ ھەر قانداق ئىشى مەلۇم مۇددىئانىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. ئۈنۈم مۇددىئانىڭ گەۋدىلىنشى ھەم مۇددىئانى سىناشنىڭ ئۆلچىمى. « ئىدىيالىستلار مۇددىئانى تەكىتلەپ ئۈنۈمنى ئىنكار قىلىدۇ، مىخانىك ماتېرىيالىستلار ئۈنۈمنى تەكىتلەپ، مۇددىئانى ئىنكار قىلىدۇ. بىز بۇ ئىككىسىنىڭ ئەكسىچە، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق مۇددىئا بىلەن ئۈنۈم بىرلىكى نەزەرىيىچىلىرى » ( ماۋزېدۇڭ). قانداقلىكى ئىش قىلمايلى، ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدى بىلەن مۆلچەرلىشىمىز لازىم. يەنى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن قاراپ، سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپ ئارىسىدا دائىم رىددىيەت بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن ئىلگىرى ئىشتىن كېيىنكى ئۈنۈمدە خاتالىق سادىر بولۇش ئىمكانىيىتىنى مۆلچەرلەشىمىز لازىم. دېمەك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ خاتالىقنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزىتىشىمىز كېرەك.