Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
东非人
دۇنيا تارىخى
شەرقىي ئافرىقا ئادىمى
شەرقىي ئافرىقىدىن تېپىلغان تاشقا ئايلانغان جەنۇبىي ئىقلىم قەدىمكى مايمۇنسىمان ئادىمى. 1959 - يىلى ئەنگىلىيىلىك ئانتروپولوگ مارى لېئاكېي شەرقىي ئافرىقىدىكى تانزانىيە تانگانىكانىڭ ئولدۇۋائىي جىلغىسىدىن تاپقان باش سۆڭىكىدىن بىرى بولۇپ، ئارى كالىي رادىئوئاكتىپلىق ئۇسۇل بىلەن ئېنىقلاپ بېكىتىشكە ئاساسلانغاندا، ياشىغان دەۋرى تەخمىنەن بۇنىڭدىن بىر مىليون 750 مىڭ يىل بۇرۇن بولغان. باش سۆڭەك قۇرۇلمىسى قوپال ھەم يوغان، سۆڭەك تېمى سەل قېلىن، پېشانە سۆڭىكى كەينىگە قىيسايغان، كۆز چانىقىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە تەرەققى قىلغان چاناق ئۈستى يۇمىلاق ياستۇقچىسى بار، كۆز چانىقىنىڭ كەينى كۆرۈنەرلىك تارايغان، باش سۆڭىكىنىڭ ئەڭ كەڭ ئورنى مېڭە قېپىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەرىپىدە، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئىپتىدائىي؛ لېكىن ئوتتۇرا چىشى بىلەن قوزۇق چىشى ناھايىتى ئۇششاق بولۇپ، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، قورال ياساشنى بىلگەن ئەڭ بالدۇرقى ئادەم دەپ قارىلىپ، <شەرقىي ئافرىقا ئادىمى> دېگەن نام قويۇلغان. ھازىر كۆپلىگەن ئانتروپولوگلار شەرقىي ئافرىقا ئادىمى جەنۇبىي ئىقلىم قەدىمكى مايمۇنسىمان ئادىمىگە مەنسۇپ بولۇشى، ئىلمىي نامى جەنۇبىي ئىقلىم مايمۇنسىمان بوئىسەي ئۇرۇقى دەپ ئاتىلىشى كېرەك، دەپ قارىماقتا.
ئۇنىۋېرسال
dōng fēi rén
زىنجانتروپلار