Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
东方总计划
دائىرە: دۇنيا تارىخىشەرق ئومۇمىي پىلانى
فاشست گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتپاقى ۋە شەرقىي ياۋرۇپانى مۇستەملىكە رايونىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش پىلانى. گېملېر لايىھىلەپ چىققان، 1942 - يىلى 6 - ئايدا گىتلېر تەستىقلىغان.گېرمانىيىنىڭ <ھاياتلىق بوشلۇقى>نى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پىلاندا: 30 يىل ئىچىدەسوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدىن 65 پىرسەنت غەربىي ئۇكرائىننى، 75 پىرسەنت بىلوروسنى؛ پولشا تېررىتورىيىسى ئىچىدىن 80 - 85 پىرسەنتكىچە پولەكنى شۇنىڭدەك خېلى كۆپ ساندىكى لاتىشلار، لىتۋالىق ۋە ئېستونلارنى كۆچۈرۈپ يۆتكەپ كېتىش بەلگىلەنگەن. ئۇمۇمىي ئادەم سانى تەخمىنەن 31 مىليون بولۇپ، كېيىنچە يەنە 46 مىليوندىن 51 مىليون ئادەمگىچە كۆپەيتكەن. پىلان بويىچە، 10 مىليون نېمىس مەزكۇر رايونلارغا كۆچۈرۈلمەكچى بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.