Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دونباس
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر顿巴斯
dùn bā sī
سوېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چو كۆمۈر كان بازىسى. دونباس دونېسكى كۆمۈرلۈكىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى، بۇ جاي دون دەريا تۆۋەن ئېقىمىنىڭ، غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 620 كىلومېتر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى 70-170 كىلومېترغا يېتىدۇ. ئومۇمىي مەيدانى 60 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئومۇمىي كۆمۈر زاپىسى 128 مىليارد توننا، بۇنىڭ ئىچىدە كوكس كۆيدۈرۈشكە بولىدىغان كۆمۈر مىقدارى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى شۇ خىل كۆمۈر مىقدارىنىڭ 28% ىنى ئىگىلەيدۇ. 19 - ئەسىردىن باشلاپ ئېچىلىشقا باشلىغان، ھازىرقى كۆمۈر مەھسۇلاتى 200 مىليون توننىدىن ئوشۇق بولۇپ، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى كۆمۈر مەھسۇلاتىنڭ 3/1 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. غەربتىكى كرىۋبروگ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 400 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ جايدا كۆمۈر سانائىتىدىن باشقا مېتاللۇرگىيە، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خىمىيە سانائەت، ماشىنىسازلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا دونسېكى، ۋورسىلوۋ گراد، ماكايىفكا قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەر بار.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى顿巴斯
dùn bā sī
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.