Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دۆلەت ئاساسى جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
国本社
guó běn shè
ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات تەشكىلات. 1924-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان. جەمئىيەت باشلىقى خىرانوما. ئەزالىرى نۇرغۇن ئەدلىيە ئەمەلدارلىرى، ئوفىتسېرلار، ئوڭ قانات ئالىملار ۋە مالىيە ساھەسىدىكى مۇھىم كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ياچېيكىسى 170 كە، ئەزالىرى 200 مىڭ كىشىگە يەتكەن. <دۆلەت ئاساسى خەۋەرلىرى> ۋە <دۆلەت ئاساسى> ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، ئاتالمىش ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان، فاشىست ئارمىيە قوماندانلىق شتابى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خىرانوما كابىنېتىنى تەشكىللەشنى پائال پىلانلىغان. 26-فېۋرال ۋەقەسىدە كېيىن، 3-ئايدا خىرانوما زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، جەمئىيەت باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 6-ئايدا دۆلەت ئاساسى جەمئىيىتى تارقىتىۋېتىلگەن.