Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دۆلەت سوتسىيالىزمى
دۇنيا تارىخى
国家社会主义
guó jiā shè huì zhǔ yì
(1) دۆلەت ھاكىمىيىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنىدىغان بىر خىل بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسى. ئاساسىي ۋەكىللىرى گېرمانىيىدىكى رودبېرتۇس ۋە لاسسال. رودبېرتۇس ئىشچىلارنىڭ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىچىدىن پايدىغا ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. پرۇسسىيە خاندانلىقىنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان بەزى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇ قىلغان؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا قەرز پۇل تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى پومېشچىك ۋە جازانىخورلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرغاندا، ئەمگەكنىڭ <پۈتۈن مەھسۇلاتى> غا ئىگە بولغىلى بولىدۇ، يەر بىلەن كاپىتالنى <دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش> نى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. رودبېرتۇسنىڭ ئىدىيىسى لاسسالغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. لاسسال <پەقەت دۆلەتنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىشچىلاrنىڭ ئىشلەپچىقىرش كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇش> سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ <ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ تىنچ ۋە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى> دېگەنلەرنى ئاكتىپ تەرغىپ قىلغان. دۆلەتنىڭ قەرز پۇلىغا تايىنىپ يېڭى جەمئىيەت قۇرۇشنى خام خىيال قىلغان. ئۇلار دۆلەتنىڭ سىنىپىي ماھىيىتدىن چەتنىگەن. 1872-يىلى مۇنبەر سوتسىيالىزمچىلىرى ئېيزېناختا چاقىرغان گېرمانىيە ئىقتىسادشۇناسلىرى قۇۇرلتىيىدا، بۇنداق ئىدىيىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (2) نېمىسچە - National Sozialismus دېگەن سۆزنىڭ مەنە تەرجىمىسى، ئەسلى مەنىسىگە بىرقەدەر ۇۋاپىق تەرجىمىسى <مىللىي سوتسىيالىزم> ياكى بۇ سۆزنىڭ نېمىسچە قىسقارتىلمىسى Nazismus بويىچە تەرجىمىسى <ناتسىستىزم>. يەنى گېرمانىيىدىكى فاشىزم. ئۇنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى گىتلېرنىڭ <مېنىڭ كۈرەشلىرم> ناملىق كىتابى ۋە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ <25 نۇقتىلىق پروگراممىسى> دا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇنىڭدا گېرمانلار دۇنياغا خوجا بولىدىغان <ئالىي ئىرق>، يەھۇدىيلار يوقىتىشقا تېگىشلىك <پەس ئېرق> دېگەنلەر تەرغىپ قىلىنغان؛ <داھىي پرىنسىپى> (يەنە بىر تەرجىمىسى <دۆلەت باشلىقى تۈزۈمى>) نى يولغا قويۇش، <ئادەتتىن تاشقىرى> مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىش، بارلىق دېموكراتىك ئەركىنلىكلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەرغىپ قىلىنغان؛ مىللىي شوۋىنىزم ۋە قىساسچىلىققا قۇترىتىپ، ئۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن گېرمانىيە ئۈچۈن <ياشاش ماكانى> نى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ جار سېلىنغان؛ ماركسىزمغا غالجىرلارچە ھۇجۇم قىلىپ، ماركسىزمنى <يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيىسى> دەپ ئاتىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا <سوتسىيالىزم> نى ماختاپ، <پۇل مۇئامىلە كاپىتالىزم> نى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، <ئۆسۈمنىڭ قۇللۇققا چۈشۈرۈش> ىنى يوقىتىش قاتارلىق ئالدامچىلىق خاراكتېردىكى شوئارلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىچكى جەھەتتە تېررورلۇق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، سىرتقا قارىتا غالجىرلارچە كېڭەيمىچىلىك - تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ، مىللىي سوتسىيالىزمنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاشكارىلىغان.