Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دوبروليۇبوۋ
ئىستېتىكا
دوبروليۇبوۋ (1861 - 1836)
杜勃罗留夫 (1836—1861),俄国革命民主主义者,文艺批评家
dù bó luó liú fū (1836—1861),é guó gé mìng mín zhǔ zhǔ yì zhě ,wén yì pī píng jiā wén yì pī píng jiā
دۇنيا تارىخى
杜勃罗留波夫
dù bó luó liú bō fū
(1836 - 1861) روسىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكراتچى، ئەدەبىي تەنقىدچى، پەيلاسوپ. پو ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەزگىلىدىن تارتىپلا شېئىر ۋە ھېكايە يېزىشنى بالشىغان. 1854-يىلى پېتروبۇرگ مەركىزىي پېداگوك ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، بىلنىسكى، چېرنىشېۋىسكى ۋە غەربىي ياۋروپا ئىنقىلابىي ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغان، مەخپىي ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگەن، كىچىك گېزىت چىقىرىپ چار پادىشاھنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ دەسلەپكى قەدەمدە ماتېرىيالىزىملىق دۇنيا قاراشنى تىكلىگەن. 1857-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن<دەۋىر كىشىلىرى>ژۇرنىلىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ژۇرنالنىڭ تەنقىد سىتونى بىلەن قوشۇمچە سانى<پۈشتەك>نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1860-1861-يىللىرى ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، چەت ئەلگە بېرىپ داۋالىنىش مەزگىلىدە، بۇ ژۇرنالغا داۋاملىق ماقالە يېزىپ ئەۋەتىپ تۇرغان. يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن تەقرىزلىرىدە دېھقانلار ئىنقىلابى ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، يانچىلىق تۈزۈمى روسىيە قالاقلىقنىڭ مەنبەسى، ئەمگەكچى خەلىقنىڭ پارازىتلارغا قارشى كۈرىشى جەمئىيەت تارىخىنىڭ مۇھىم مەزمونى دەپ قارىغان. ئىجتىمائىي تۈزۈمنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ قوزغىلاڭ قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان، ئېستېتىكا جەھەتتە،سەنئەت ئىجادىيىتى ئوبېكتىپ رېئاللىقنىڭ كىشىلەر ئېڭىدىكى ئىنكاسى، سەنئەتچىلەر مۇتەپەككۇر بولۇشى، ئەمگەكچى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك، دەپ قاراپ<نوقۇل سەنئەت>نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. پەلسەپە جەھەتتە ماددىنىڭ بىرلەمچىلىكى ۋە دۇنيانى بىلگىلى بولىدۇ دەيدىغان نۇقتىئىنەزەردە چىڭ تۇرغان، ئاساسلىق ئىلمىي ماقالىلىرىدىن؛<روسىيەئەدەبىيات تەرەققىياتىداخەلقچىلىقنىڭ سىڭىپ كىرىش دەرىجىسى ھەققىدە،>ئوبلۇسۇۋ روھى نىمە؟<،>زۇلمەتلىك پادىشاھلىق<>زۇلمەتلىك پادىشاھلىقتىكى ئازراق يورۇقلۇق<،>دەپسەندە قىلىنغان كىشىلەر<>ھەقىقىي يورۇق كۈنلەر قاچان يېتىپ كېلىدۇ؟<قاتارلىقلار بار.