Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دېنساۋى ۋەقەسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى丹沙徼事件
dān shā jiǎo shì jiàn
ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مىسىر خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. 1906-يىل 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگلىيىلىك ئوفىتسېرلار دېنساۋى كەنتىدە پاراكەندىچىلىك قىلغان. يەرلىك ئاھالىلەر قوللىرىغا تاياق - توقماق ئېلىپ ئۆزىنى قوغدىغان. بىر ئوفىتسېر قېچىپ كېتىۋېتىپ ئىسسىق ئۆتۈپ ئۆلگەن. ئەنگلىيىنىڭ باش كونسۇلى گىرمېر دېھقانلار ئۆلتۈردى، دەپ قارا چاپلاشقا سوتقا كۆرسەتمە بېرىپ، تۆت ئادەمنى دارغا ئېسىشقا، ئىككى ئادەمنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، توققۇز ئادەمنى جاپالىق ئەمگەككە سېلىشقا ھۆكۈم قىلغۇزغان. خەۋەر تارقىلىشى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئەنگلىيىنىڭ زوراۋانلىق ھۆكۈمرانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، گىرمېرنى 1907-يىلى 4-ئايدا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.