Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دىنىي تەبىقە تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
教阶制
jiào jiē zhì
دىنىي تەبىقە سىستېمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەبىقە تۈزۈمى. رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پەيدا بولۇپ، غەربىي ياۋروپادىكى ئوتتۇرائەسىرگە كەلگەندە مۇقىملاشقان. بۇ فېئودال تەبىقە تۈزۈمىنىڭ چېركاۋ ئىچىدىكى ئىنكاسى. ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئېپسكوپ، پوپ، ياردەمچى دېگەن ئۈچ مەرتىۋىدىن تەكىپ تاپىدۇ. ئېپىسكوپ مەرتىۋىسىدىكىلەر يەنە پاپا، كاردىنال، پىشۋا ئېپىسكوپ دېگەن ئالتە دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. ئېپىسكوپ، پايتەخت ئېپسكوپى، باش ئېپىسكوپ ۋە ئادەتتىكى ئېپىسكوپ دېگەن ئالتە دەرىجگە ئايرىلىدۇ. ئېپسكوپتىن يۇقىرىلار يۇقىرى دەرىجىلىك مىسىسئونېر، فېئدال ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پوپتىن تۆۋەنلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك مىسىسئونېر بولۇپ ئۇلارنىڭ تولىسى ئاددىي خەلقتىن كېلىپ چىقىدۇ. تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىغا يېقىن بولىدۇ. چېركاۋ دىنىي تەبىقە تۈزۈمى بويىچە دەرىجىمۇ دەرىجە باشقۇرۇش ھوقوقىنى يولغا قويىدۇ، پراۋۇسلاۋ دىنى ۋە پروتېستانت مۇقەددەس ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلاردىمۇ مۇشۇنداق تۈزۈم بار.