Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىنىي رىتسارلار پولكى
دۇنيا تارىخى
ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسى ئوتتۇرا شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلىدە غەربىي ياۋرۇپا فېئوداللىرى بېسىۋالغان يەرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرغان دىنىي خاراكتېرلىك فېئودال ھەربىي تەشكىلات جەمئىي ئۇچى بولۇپ ئۇلارنىڭ نامى ۋە قۇرۇلغان ۋاقتى مۇنداق: دوختۇرخانا رىتسارلار پولكى(ⅩⅡ ئەسىرنىڭ باشلىرى)، تېمېلې رىتسارلار پولكى(تەخمىنەن1118-يىلى) ۋە تېئوتون رىتسارلار پولكى(1198-يىلى) دىن ئىبارەت، بۇنىڭدىن باشقا ئىسپانىيىدە قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى داۋامىدىمۇ يەنە ئۈچ رىتسارلار پولكى قۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ نامى ۋە قۇرۇلغان ۋاقتى مۇنداق؛ ئالكانتارا رىتسارلار پولكى(1156-يىلى)، كالاتراۋارىتسارلار پولكى(1158-يىلى)، رىتسارلار پولكىغا پولك كوماندىرى باشچىلىق قىلغان، رىم پاپاسىغا بىۋاستە بويسۇنغان. پولك ئىچكى جەھەتتىن ئۈچ دەرىجىگە يەنە رىتسار، ئارمىيە پوپى ۋەنۆكەرلەرگە بۆلۈنگەن. رىتسارلار پولكى شەرق ۋە غەربىي ياۋرۇپادا كۆپلىگەن يەر مۈلۈكلەرنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دېھقانلار ۋە باشقا ئەمگەكچى خەلقنى دەھشەتلك تۈردە ئېكىسپېلاتاتسىيە قىلغان ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسى شەرققە تاجاۋۇز قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانا رىتسارلار پولكى ۋە تېمپىلې رىتسارلار پولكى پولشاغا كىرىپ پرۇسىيىنى بويسۇندۇرغان؛ كېيىن يەنى 1237-يىلى قىلىچ بەلگىلىك رىتسارلار پولكى بىلەن قوشۇلۇپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بالتىق دېڭىزىنىڭ شەقىي قىرغاقلىرىغا كېڭەيگەن. ⅩⅣ ۋە ⅩⅤ ئەسىردە ياۋروپادىكى مونارخىيلىك ھاكىمىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ دىنىي رىتسارلار پولكىنىڭ سىياسىي تەسىرى ئاستائاستا ئاجىزلاپ كەتكەن.